Articles





رامىزان ئاللاھقا قايتىش ۋە تەۋبە قىلىش ئېيىدۇر





ئۇيغۇرچە-الأويغورية]-uyghur]





پەزىلەتلىك شەيخ ئابدۇلمۇھسىن ئىبنى مۇھەممەد قاسىم





تەرجىمە قىلغۇچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز





تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: ن.تەمكىنى





نەشىر ھوقۇقى مۇسۇلمانلارغا مەنسۇپ





2011 - 1432





﴿رمضان شهر التوبة والإنابة﴾





«باللغة الأويغورية»





فضيلة الشيخ عبد المحسن بن محمد القاسم





ترجمة: سيف الدين أبو عبد العزيز





مراجعة: ن. تمكيني





حقوق الطبع والنشر لكل مسلم





2011 - 1432





رامىزان ئاللاھقا قايتىش ۋە تەۋبە قىلىش ئېيىدۇر





2011-يىلى 08- ئاينىڭ 12-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى





پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ-سانا ئېيتىپ، رەسۇلۇللاھقا دۇرۇت-سالام يوللىغاندىن كىيىن جۈمە نامىزى ئۈچۈن توپلاشقان يۈز مىڭلىغان مۇسۇلمانلارغا، رامىزان ئېيىنىڭ پەزىلىتى ۋە خۇسۇسىيەتلىرى توغرىسىدا مۇنۇلارنى سۆزلىدى:





رامىزان ئېيى ئالاھىدە پەزىلەت ۋە كۆپ خۇسۇسىيەتلەر بىلەن باشقا ئايلاردىن پەرقلىقتۇر. بۇ ئايدا ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمنى نازىل قىلدى، رامىزان روزىسىنى پەرز قىلدى. رامىزان ئاللاھ يولىدا سەدىقە، خەير-ئېھسان ۋە تائەت-ئىبادەت قىلىش ئارقىلىق پەرۋەردىگارنىڭ رەھمەت ۋە مەغپىرىتىنى ھاسىل قىلىدىغان مەۋسۇمدۇر. ياخشى ئىشلار بىر-بىرىگە ئۇلىنىپ داۋاملىشىدۇ، ئاللاھنىڭ رەھمەت-بەرىكىتى ھەممىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىغا مۇنداق دېگەن: «سىلەرگە بەرىكەتلىك رامىزان ئېيى يىتىپ كەلدى، ئاللاھ سىلەرگە بۇ ئايدا روزا تۇتۇشنى پەرز قىلدى، بۇ ئايدا ئاسماننىڭ ئىشىكلىرى ئېچىلىدۇ، جەھەننەمنىڭ ئىشىكلىرى تاقىلىدۇ، ئىنسانلارنى ئازدۇرغۇچى جىن-شەيتانلارغا ئىشكەل تاقاق سېلىنىدۇ، بۇ ئايدا ئاللاھغا ئىبادەت قىلىشتا مىڭ ئايدىن ياخشى بولغان بىر كېچە بار، بۇ كېچىنىڭ ياخشىلىقىدىن مەھرۇم قالغان كىشى ھەقىقەتتە كۆپ ياخشىلىقتىن مەھرۇم قالىدۇ». [نەسائىي رىۋايىتى].





رامىزان ئېيى ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا ھەممە ئايدىن شەرەپلىك ۋە پاكراقدۇر. بۇ ئاي تۈرلۈك تائەت-ئىبادەت ۋە ئاللاھقا يېقىنلىشىدىغان ئەمەل-ئىبادەتلەردە بەسلىشىدىغانلارنىڭ مەيدانىدۇر. بۇ ئاي باشقىلارنى ئۆچ كۆرۈش، ھەسەتخورلۇق ۋە تۈرلۈك ئاپەتلەردىن ساقلايدۇ ۋە تازىلايدۇ. بۇ ئاينى قۇرئان تىلاۋەت قېلىش، كېچىسى قىيامدا تۇرۇش، سەدىقە، خەيرى-ئېھسان قېلىش، روزا تۇتۇش، باشقىلارغا كۆيۈمچانلىق قېلىش، روزىدارنى ئىپتارلىتىش قاتارلىق پەزىلەتلىك ئەمەللەر بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇش كېرەك. بۇ ھەقتە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «روزا تۇتقان كىشىنى ئىپتار قىلدۇرغۇچىغا، روزا تۇتقان كىشىگە ئوخشاش ساۋاپ بېرىلىدۇ». [تىرمىزى رىۋايىتى].





رامىزاندا قىلغان ئۆمرىنىڭ ساۋابى ھەج قىلغاننىڭ ياكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن بىرلىكتە ھەج قىلغاننىڭ ساۋابىغا باراۋەر بولىدۇ، روزا تۇتقۇچىنىڭ دۇئاسى ئىجابەت قېلىنىدۇ، ھەر كېچىنىڭ ئاخىرقى ئۈچتىن بىرىدە ئاللاھ تائالا زېمىننىڭ ئاسمىنىغا چۈشۈپ: «ماڭا دۇئا قىلغۇچىلارنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىمەن، كەچۈرۈم تەلەپ قىلغۇچىلارنى كەچۈرۈم قىلىمەن ۋە بىر نەرسە سورىغانلارغا تىلىگىنىنى بېرىمەن» دەيدۇ. [مۇسلىم رىۋايىتى].





مۇسۇلمانلار ئارىسىدا رامىزان ئېيىنى غەنىمەت بىلىپ ياخشىلىققا ئالدىرىغۇچىلار ناھايىتى كۆپتۇر. ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قېلىش، ئۇلارنىڭ دوست-بۇرادەرلىرىنى يوقلاش، ئۇرۇغ-تۇغقانلارغا سىلە-رەھىم قېلىش، ئەھلى-ئەۋلادلىرىغا ياخشى مۇئامىلە قېلىش، ئۇلارنى توغرا يولغا يېتەكلەش قاتارلىقلار ئەمەللەرنىڭ رامىزاندا رېئاللىققا ئايلىنىشى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىنىدۇ. بايلارنىڭ كەمبەغەللەرگە قىلىدىغان سەدىقە، خەيرى-ئېھسانلىرى ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى دوستلۇق-قېرىنداشلىقنى كۈچەيتىش بىلەن بىرگە، ئۇلار ئارىسىدىكى يامان كۆرۈش ۋە ھەسەتنى كەتكۈزىدۇ. بۇ مۇبارەك ئاينىڭ سەۋەبى بىلەن ياخشىلىق، بەرىكەت شاماللىرى ھەممىنى ئورايدۇ.





رامىزاندا ئىستىغفارنى كۆپ ئېيتىش كېرەك، چۈنكى گۇناھ-مەسىيەت ھەرقانچە چوڭ بولسىمۇ ئاللاھ چوقۇم ئىستىغپار ئېيتقۇچىنى كەچۈرۈم قىلىدۇ، ئۈمىدسىزلىك شەيتاننىڭ قورالى بولۇپ، ئۇ گۇناھ ئىشلىگۈچىنى ئۆز قىلمىشىنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئۈندەيدۇ. لېكىن ئىنسان گۇناھ-مەسىيەتنى ھەرقانچە كۆپ قىلسىمۇ ئاللاھ ئۇنىڭ تەۋبە قېلىشىدىن ئۈمىدسىزلەنمەيدۇ، ھەقىقى يوسۇندا قېلىنغان تەۋبە ئىلگىرىكى گۇناھ-خاتالىقلارنى يوق قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ تەرىپىگە قايتىش ئىلگىرىكى كەمچىللىكنى يۇيىۋىتىدۇ. خاتالىقنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرىنىڭ بىرى، مەزكۇر خاتالىقنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشىنى پەقەت بىر ئاللاھدىنلا تەلەپ قېلىشى كېرەك.





تەۋبىنىڭ قوبۇل بولىشىنىڭ ئالامەتلىرىدىن: ئۆتكەنكى خاتالىقلارغا پۇشايمان قېلىش ۋە شۇ قىلمىشتىن قول ئۇزۇش، يېڭىدىن خاتالىق سادىر قېلىشتىن ئەنسىرەش، ناچار-يامان كىشىلەردىن يىراق تۇرۇش، ياخشى كىشىلەر بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇشتۇر.





ئاياللار ئۆزلىرىنىڭ ئىززىتى، شان-شەرىپى، ئىپپىتىنى مۇھاپىزەت قېلىشى، ھايا ۋە سەترىدىن ئىبارەت بولغان دىننىڭ زىننەتلىرى بىلەن زىننەتلىنىشى لازىم.





رامىزان كېچىلىرى ساناقلىقتۇر، ئىنساننىڭ ھاياتى قىسقىدۇر، ھاياتىنى تائەت-ئىبادەت، خەيرى-ئېھسان بىلەن ياشناتقان، گۇناھ-مەسىيەت، خاتالىقلاردىن يىراق تۇتقانلار ھەقىقى بەختلىك كىشىلەردۇر.





ئاللاھ تائالا ھەممىمىزنى رامىزان ئېيىدا ياخشىلىققا مۇيەسسەر بولغۇچىلاردىن قىلسۇن. روزا ۋە نامازلىرىمىزنى قوبۇل قىلسۇن. ئامىن.







Recent Posts

پێناسهی ( سحر ) و جۆر ...

پێناسهی ( سحر ) و جۆرهكانی

جۆرهكانی هاوهڵ بڕیارد ...

جۆرهكانی هاوهڵ بڕیاردان بۆ خوای گهوره

٣٠ به‌روبووم له‌ به‌ ...

٣٠ به‌روبووم له‌ به‌روبوومه‌كانی ته‌قوا له‌ قورئانی پیرۆز