Articles




3- مېكىر.ھارت«تارىختىكى تەسىرى ئەڭ زور 100 ئەرباب» ناملىق ئەسىرىنىڭ مۇقەددىمىسىگە مۇنداق دەپ يازىدۇ:"مەن مۇھەممەدنى دۇنيادىكى تەسىرى ئەڭ زور ئەربابلار تىزىملىكىنىڭ ئەڭ بېشىغا قويۇشنى تاللىدىم. بۇنىڭغا بەزى كىتابخانلار ھەيران قېلىشى ۋە بەزىلەر بۇنى چۈشەنمەسلىكى مۇمكىن. بىراق ئۇ ھەقىقەتەن تارىختىكى دىن ۋە ھاكىمىيەت جەھەتتە تەڭلا ئاجايىب نەتىجە ياراتقان بىردىن ـ بىر ئۇلۇغ ئەربابتۇر".





4- ئانى بىسنتو«مۇھەممەدنىڭ تەرجىمىھالى ۋە ئۇنىڭ دىنىي تەلىماتلىرى» ناملىق ئەسىرىنىڭ 4 ـ بېتىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ:" ئەرەب مىللىتىنىڭ بۇ ئۇلۇغ پەيغەمبىرىنىڭ تەرجىمىھالى ۋە پەزىلىتىنى تەتقىق قىلغان ھەر قانداق كىشى بۇ ئالىيجاناب پەيغەمبەرگە ھۆرمەت قىلماي تۇرالمايدۇ. بۇ پەيغەمبەرنىڭ دىن تەشۋىقاتى ۋە تۇرمۇش جەريانىنى چۈشەنگەن كىشى مۇھەممەد ئاللاھ تەرىپىدىن ئىنسانلارغا ئەۋەتىلگەن بىر ئۇلۇغ پەيغەمبەر ئىكەن، دەپ تونۇشى مۇمكىن. گەرچە مەن سىزگە ئېيتقان كۆپ ئىشلار نۇرغۇن كىشىلەرگە تونۇشلۇق بولسىمۇ، لېكىن مەن ھەر قېتىم ئۇنىڭ تارىخىنى قايتىلاپ ئوقۇغىنىمدا، بۇ ئالىيجاناب ئەرەب يولباشچىسىغا نىسبەتەن مېنىڭدە قايتىدىن ئەقىدە باغلاش ۋە ھۆرمەت بىلدۈرۈش ھىسسىياتى قوزغىلىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلماي تۇرالمايمەن".





دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمان قەۋملەر تەرىپىدىن پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ شانلىق ئىش - ئىزلىرى خاتىرلىنىۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە، بۇ ئۇلۇغ پەيغەمبەرنىڭ شەنىگە داغ تەككۈزمەكچى بولغان بىر قىسىم ئىنسانىيەت دۈشمەنلىرىنىڭ بۇ ئەخلاقسىزلارچە قىلمىشىغا رەددىيە بېرىشنى ئۆزۈمنىڭ مۇسۇلمانلىق بۇرچۇم دەپ بىلىمەن.





دانىيەنىڭ «جىيلاندز پوستىن»گېزىتى 2005-يىلى 30 - سىنتەبىر سانىدا، پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇلۇغ شەنىگە نۇمۇسسىزلارچە تىل ئۇزارتىپ، ئۇنى 12 پارچە ھەجۋى رەسىمىدە سىزىش ئارقىلىق، مۇسۇلمانلار ۋە پۈتۈن ئىنسانىيەت ئالدىدا كەچۈرۈلمەس جىنايەت ئۆتگۈزگەنىدى. مەزكۇر 12 پارچە ھەجۋى رەسىمىنىڭ بىرىدە ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى بېشىغا ئورالغان بومبىغا ئوخشىتىلغان سەللە كىيگەن ھالدا تەسۋىرلىگەن. رەسىمنىڭ لىسانى ھالى بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام گوياكى بىر ئۇرۇش جىنايەتچىسىگە ياكى تېرورىستقا ئوخشىتىلغان. ئىسلام ئەللىرى، خۇسۇسەن سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى گېزىت تەھرىراتىنىڭ بۇ كەچۈرۈلمەس جىنايىتىگە قارشى قاتتىق غەزەپلەنگەن ۋە بۇ جىنايەتكە نازارىلىق بىلدۈرۈپ دانىيە ھۆكۈمىتىگە مۇراجىئەت قىلغان بولسىمۇ، دانىيە ھۆكۈمىتى »پىكىر ئەركىنلىكى« نى باھانە قىلىپ دەسلەپتە بۇ مۇراجىئەتكە ئىنكاس قايتۇرمىغان ۋە بۇنىڭغا ئاساسەن سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى دانىيە بىلەن ئالاقىسىنى ئۆزۈش ئۈچۈن دانىيە پايتەختى كۇبىنھاگىندىكى باش ئەلچىسى مۇھەممەد ئىبنى ئىبراھىم ھۇجەيلاننى قايتۇرۇپ كەلگەنىدى. بۇ ئەھۋالدىن دانىيە ھۆكۈمىتى خېلى چوچۇغان بولسىمۇ، دانىيەنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا مەھسۇلات ساتىدىغان شېرىكەتلىرى ۋە دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ زىيانغا ئۇچراش ئەھۋاللىرىدىن خەلقنىڭ سارسىمبىگە چۈشمەسلىكى ئۈچۈن ۋەزىيەتنى سىلىقلاشتۇرۇپ كۆرسىتىشكە تىرىشىپ مۇنداق دەپ بايانات ئېلان قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ: »سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلىتىمىزدىكى باش ئەلچىسىنى قايتۇرۇپ كەتكەنلىكى بىزنى دەھشەتكە سالدى. بىراق بۇ سەئۇدى ئەرەبىستان - دانىيە ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلۇماتيە ئالاقىسىنىڭ ئۈزۈلگەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ«. چۈنكى دانىيەنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن بولغان دىپلۇماتىيە ئالاقىسى ئۈزۈلىدىغان بولسا، دانىيەنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا چىقىرىدىغان مەھسۇلاتلىرى توختاش سەۋەبلىك مىليارتلارچە زىيانغا ئۇچرايدىغانلىقى ئېنىق ئېدى. مەلۇمكى سەئۇدى ئەرەبىستاندا سېتىلىدىغان سۈت بىلەن ياسىلىدىغان يېمەك ۋە ئىچمەكلەرنىڭ 50%دىن كۆپرەكى دانىيەدىن كېلىدۇ. دانىيەنىڭ «Arla foods» يېمەك - ئىچمەك شېرىكىتى ياۋروپادىكى ئىككىنچى چوڭ شېركەت بولۇپ، شېرىكەتنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا چىقىرىدىغان يىللىق مەھسۇلات كۆلىمى 268مىليون يۇرو قىممىتىنى تەشكىل قىلىدۇ. شۇ ۋاقىتتا سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەت مۇفتىسى شەيخ ئابدۇلئەزىز ئىبنى ئابدۇللا ئال شەيخ دانىيە ھۆكۈمىتىگە قىلمىشكارلارنى جازالاپ بېرىش توغرۇلۇق بېسىم ئىشلىتىش ھەققىدە مەخسۇس بايانات ئېلان قىلغانىدى. لېكىن دانىيە ھۆكۈمىتى يەنىلا ئۆزىنىڭ » پىكىر ئەركىنلىكى«باھانىسى بىلەن خرىستىئان رادىكاللارنى قوللاشقا داۋام قىلىۋەردى. بۇ ھەقتە دانىيەنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى »ھەجۋى رەسىم مەسىلىسى بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ ھېچبىر ئالاقىسى يوق«دەپ بايانات ئېلان قىلغانىدى.





دۇنيادا ھەرقانداق بىر ئىشنىڭ چەك -چىگرىسى بولغىنىدەك، دېموكراتىيە ۋە پىكىر ئەركىنلىكىنىڭمۇ ئەلۋەتتە چەك - چىگرىسى باردۇر. پىكىر ئەركىنلىكى باھانىسى بىلەن بىر مىليارت 400مىليون مۇسۇلمان خەلقنىڭ غۇرۇرىغا تېگىش ۋە ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە ئازار بېرىشنى راۋا كۆرىدىغانلار قانداق دېموكراتىيە ۋە قانداق پىكىر ئەركىنلىكى تەبىقىسىدىندۇ؟ دېموكراتىيە ۋە پىكىر ئەركىنلىكى باشقىلارغا زىيان - زەخمەت يەتكۈزمەسلىك ۋە ئازار بەرمەسلىك شەرتى بىلەنلا ھەركىمنىڭ ئۆز ئەركىنلىكى سانىلىدۇ. بۇنىڭدىن چەتنىگۈچىلەر ھەددىدىن ئاشقانلىقى سەۋەبلىك جازاغا لايىق بولغۇچىلاردۇر. بۇلارنىڭ سادىر قىلغان بۇ كەچۈرۈلمەس جىنايىتى پىكىر ئەركىنلىكى ئەمەس، بەلكى ھاقارەت، دۈشمەنلىك ۋە ئۆچمەنلىكنىڭ ئىپادىسىدۇر. مەن پىكىر ئەركىنلىكىنى باھانە قىلىپ تۇرۇپ سىزنى ھاقارەتلىسەم، ئابرويىڭىزنى چۈشۈرۈشكە ۋە سىزنى كىشىلەرگە سەت كۆرسىتىشكە ئورۇنۇپ سىزنىڭ كۆڭلىڭىزگە ئازار بەرسەم، سىز بۇنى ھەركىمنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى دەپ قوبۇل قىلىپ جىم تۇرامسىز ياكى ماڭا بولغان نارازىلىقىڭىزنى ئىپادىلەمسىز؟ ئەلۋەتتە ئىككىنچى يولنى تاللايسىز! ھەتتا مەھكىمىلەرگىچە بارىسىز. چۈنكى سىز بۇنداق قىلىشقا تامامەن يوللۇقسىز. دېموكراتىيە ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك قائىدىسى بويىچە، مېنىڭ سىز توغرۇلۇق ئېيتقانلىرىم يالغان بولسا، سوت مەھكىىسى مېنى سىزگە تۆھمەت قىلغان جىنايىتىم بىلەن ئېيىبلاپ جازالايدۇ. ئەگەر مېنىڭ ئېيتقانلىرىم راست بولۇپ سىزدە بار كەمچىلىكلەر ۋە ئېيىبلارنى سۆزلىگەن بولسام سوت مەھكىىسى يەنە مېنى كىشىلەرگە ئازار بەرگەن ۋە ھۆرمەت، ئابرويىنى تۆككەن دېگەن جىنايىتىم بىلەن مېنى جازالايدۇ. بۇ ئىككى گېزىت ئېگىلىرىنىڭ سادىر قىلغان قىلمىشى ئەلۋەتتە ئاۋۋالقىسىغا ياتىدۇ. ئەھۋال بۇنداق ئىكەن، بۇ رەزىل تۆھمەتكارلارنىڭ جازاسى ئەلۋەتتە ئېغىر بولىشى تەقەززا قىلىنىدۇ.





ۋەقەلىك مۇنداق ئېدى، دانىيەدىكى بالىلار كىتابچىسىنىڭ ئاپتورى كىتابنىڭ مۇقاۋىسىغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەجۋى رەسىمىنى سىزدۇرۇش ئۈچۈن رەسسامنى تەكلىپ قىلغىنىدا، رەسسام مۇنداق قىلىشنى رەت قىلىدۇ. شۇندىن كېيىن ئاپتور پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەجۋى رەسىمىنى سىزىش مۇسابىقىسى ئېلان قىلىدۇ. نەتىجىدە 12 نەپەر رەسسام پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى تەسۋىرلىگەن 12 پارچە ھەجۋى رەسىمنى تەييارلايدۇ. بۇ پۇرسەتنى غەنىمەت بىلگەن خرىستىئان رادىكال گۇروھىنىڭ نەشر ئەپكارى بولغان«جىيلاندز پوستىن »گېزىتى تەھرىراتى بۇ ھەجۋى رەسىملەرنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق دانىيەدىكى 200مىڭدىن كۆپرەك ئازسانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ۋە دۇنيادىكى بىر مىليارت 400مىڭ مۇسۇلمان خەلقنىڭ قەلبىنى جاراھەتلەيدۇ. ئىسلام دىنى دانىيەدە ئىككىنچى چوڭ دىن بولۇپ، دۆلەت دىنى خرىستىئان دىنىنىڭ پروتىستانتىيە مەزھىبىدۇر. دانىيەدىكى مۇسۇلمانلار ئېلان قىلىنغان ھەجۋى رەسىملەرگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، بۇ رەسىملەرنى نەشر قىلىش ئىشىنى توختىتىشنى تەلەب قىلىپ، دانىيە ھۆكۈمىتىگە ئەرز سۇنغان بولسىمۇ، دانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ جاۋابى مۇسۇلمانلارنىڭ تەلىپىنى رەت قىلىش ۋە «پىكىر ئەركىنلىكى»باھانىسى بىلەن رادىكال گۇروھنىڭ بۇ دۈشمەنلىك ھەرىكىتىنى شەرتسىز قوللاش بولدى. دانىيە ئالى سوت مەھكىمىسى ھۆكۈمەتنىڭ بېۋاسىتە قوللىشى ئارقىسىدا، مۇسۇلمانلارنىڭ سۇنغان ئەرزىسىگە «دىنلارنىڭ ھۆرمىتىنى تۆككۈچىلەرگە خاس جازا قانۇنىمىز، گېزىت، ژۇرناللارنىڭ زىددىغا قوللىنىلمايدۇ»دەپ جاۋاب بەردى.





دانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسلام دىنىغا بولغان دۈشمەنلىكى دانىيە جەمئىيىتىنىڭ پۈتۈن ساھەلىرىدە ئۆزىنى كۆرسىتىپ كەلمەكتە. مۇندىن بۇرۇن دانىيە دۆلىتىنىڭ ئايال پادىشاھى مارگېرت2 مەلۇم بىر باياناتىدا:« ئىسلام دىنى دۇنيادا ئەڭ چوڭ تەھدىد ھېسابلانماقتا» دېگەن ۋە دانىيەدىكى مۇسۇلمان ئازسانلىقلىرىغا كەڭچىلىك بەرمەسلىك توغرۇلۇق مەخسۇس پەرمانلارنى بەرگەنىدى. بۇنىڭغا ئەگىشىپ دانىيە رادىكال خرىستىئانلىرى ئېنتېرنېت تورلىرى ئارقىلىق بارچە مۇئەسسەسەلەرنى ۋە شەخسلەرنى «مۇسۇلمان شوپۇرلاردىن ھەزەر قىلىڭلار، چۈنكى ئۇلار تېرورىستلار ۋە قاتىللاردۇر»دېگەن ئاگاھلاندۇرۇشلارنى تارقاتقان.





بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىنسانىي مۇقەددەسلەرنى ھېمايە قىلىش ۋە دىنىي جەھەتتىكى ئوخشاشماسلىق تۈپەيلى تەبەقە ئايرىشنى ۋە ھەر تۈلۈك تەئەسسۇپلۇقنى چەكلەش كومىتىتىنىڭ 1981- يىلى ماقۇللىغان قارارى بويىچە ئېيتقاندىمۇ، مەزكۇر ئىككى گېزىتنىڭ بۇ كەچۈرۈلمەس جىنايىتىگە قارىتا جازا قوللىنىش تەقەززا قىلىنىدۇ. ئامېرىكا ۋە ياۋروپالىقلارنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى دېگەنلىرىمۇ يالغان. ئەگەر ئۇنداق بولمىسا ئېدى، مۇندىن بىر قانچە يىل ئىلگىلىرى تۈركىيەنىڭ سابىق باش مېنىستىرى بۈلەنت ئەجەۋىتنىڭ ئىسرائىلىيەنى«پاشىستلار»دەپ ئېيبلىغىنىغا نېمە ئۈچۈن ئامېرىكا ۋە ياۋروپالىقلار قوزغىلىپ كەتتى ۋە ئەجەۋىتنى سۆزىدىن يېنىۋېلىشقا قىستىدى؟ مۇندىن بىر قانچە ئايلار بۇرۇن ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى نەجادنىڭ«ئىسرائىلىيەنى دۇنيا خەرىتىسىدىن ئۆچۈرۈپ تاشلاش كېرەك»دېگەن بىر ئېغىز سۆزى نېمە ئۈچۈن دۇنيانى ساراسىمىگە سالدى؟ ئامېرىكا ۋە غەرب ئەللىرى ئەجەۋىد بىلەن نەجادنى پەلەسىتىن خەلقىنىڭ بەختىگە ئۇلتۇرىۋالغان بىر ئۇچۇم ئىستىيلاچى يەھۇدىيلارنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەردى دەپ شۇنچە رەنجىپ كەتكەنىدى. ھازىر دانىيەلىكلەر پىكىر ئەركىنلىكى باھانىسى بىلەن دۇنيادىكى بىر مىليارت 400 مىڭدىن كۆپرەك مۇسۇلمان خەلقنىڭ كۆڭلىگە ئازار بېرىۋىدى، بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۇياقتا تۇرسۇن، دانىيەلىكلەرنىڭ تەرىپىنى ئالدى.





بۇ جىنايەت دانىيەدىلا توختاپ قالمىدى. بۇ قېتىم ئىسلام مىللىتىنىڭ شانلىق قۇربان ھېيتى ھارپىسىدا، نورۋىگىيەنىڭ «ماگازىنات»گېزىتى دانىيەنىڭ«جىيلاندز پوستىن» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان مەزكۇر ھەجۋى رەسىملەرنى قايتا ئېلان قىلىش ئارقىلىق پۈتۈن ئىسلام ئالىمىنىڭ غەزىبىنى يەنە بىر قېتىم تاشۇردى. ئەرەب ۋە ئىسلام دۆلەتلىرى بۇ قەبىھ ئەدەبسىزلىككە قارشى قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى. ئىسلام ئەللىرىدە دانىيە ۋە نورۋىگىيەنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئالماسلىق ۋە ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى بازاردىن چەكلەش دولقۇنى ئەۋج ئالدى. سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پۈتۈن شەھەر، ۋىلايەت ھەتتا يېزا - قىشلاقلىرىغىچە پۈتۈن مۇسۇلمانلار بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى سېتىپ ئېلىشتىن ۋاز كەچتى. بارلىق ماگېزىنلاردا «دانىيە ۋە نورۋىگىيەنىڭ مەھسۇلاتلىرى سېتىلمايدۇ»دېگەن ئېلانلار چاپلاندى. ئۇئوردانىيە، لىۋىيە ۋە باشقىمۇ ئىسلام ئەللىرى دانىيەدىكى باش ئەلچىلىرىنى قايتۇرۇپ كېلىش ئارقىلىق ئالاقە ئۈزۈشنى باشلىدى. بۇنىڭ بىلەن دانىيەدىكى«Arla foods» شېرىكىتى بايانات ئېلان قىلىپ:«ئەڭ ئاساسلىق چۆپقاتلىرىمىز، ئەگەر ھۆكۈمەت ھەجۋى رەسىم كىرىزىسى توغرۇلۇق ئىسلام ئەللىرىدىن رەسمىي شەكىلدە ئۆزۈر تىلىمىسە، بىز مەھسۇلاتلارنى ئالمايمىز، دەپ بىزگە تەھدىد سالماقتا»دەپ جاكارلاشقا مەجبۇر بولدى. دانىيە دىپلۇماتىيە مېنىستىرى موللېر ياۋرۇپا ئىتتىپاقىدىن مۇسۇلمانلارنىڭ دانىيە مەھسۇلاتلىرىنى بازاردىن چەكلەش دولقۇنىغا بىر نەرسە دېيىش ھەققىدە ياردەم سوراشقا مەجبۇر بولدى. ھەجۋى رەسىملەرنى تارقاتقان مەزكۇر ئىككى گېزىت تەھرىراتى رەسمى تۈردە مۇسۇلمانلاردىن كەچۈرۈم سورىدى ۋە مۇندىن كېيىن بۇنداق ئەدەبسىزلىكنىڭ يۈز بەرمەيدىغانلىقىغا ۋەدە بېرىشتى. بۇنىڭغا ئەگىشىپ نورۋىگىيە ھۆكۈمىتى ئىسلام ئەللىرىدىكى بارلىق باش ئەلچىلىرىگە بىر تۇتاش بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، نورۋىگىيە ھۆكۈمىتى نامىدىن پۈتۈن مۇسۇلمانلاردىن كەچۈرۈم سوراشنى تاپشۇردى. دانىيە ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ كەچۈرۈم سورىماسلىققا داۋام قىلغانسېرى ئىقتىسادىي زىياننىڭ ھەسسىلەپ ئېشىپ كېتىپ بېرىۋاتقانلىقى ۋە دانىيەدىكى چوڭ شېرىكەتلەرنىڭ بېسىمى بىلەن ئاخىرى سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى باش ئەلچىسىنىڭ تىلى ئارقىلىق سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى ۋە بارلىق مۇسۇلمانلاردىن رەسمى تۈردە كەچۈرۈم سورىدى.





مۇسۇلمانلارنىڭ دانىيە ھۆكۈمىتىدىن سورىغانلىرى مۇنۇلار ئېدى:





1- دانىيە ھۆكۈمىتى رەسمىي تۈردە پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىدىن كەچۈرۈم سورىسۇن.





2- مۇندىن كېيىن بۇنداق جىنايەتنىڭ سادىر بولماسلىقىغا ئەھدە بەرسۇن.





3- ھەجۋى رەسىملەرنى ئېلان قىلغان گېزىت مەسئۇللىرى بىلەن بارچە قىلمىشكارلىرى جازالاندۇرۇلسۇن.





4- جازالانغۇچىلارنىڭ ئالغان جازاسى پۈتۈن دۇنياغا ئېلان قىلىنسۇن.





5- گېزىت تەھرىراتى مۇندىن كېيىن بۇ جىنايەتنى قايتا سادىر قىلمايدىغانلىقىغا ئەھدە بەرسۇن.





مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ تەلەبلىرى بىر -بىرىلەپ ئورۇندىلىپ كەلمەكتە. كېيىنكى كۈنلەردە مەزكۇر گېزىت مۇھەررىرلىرىنىڭ ئالغان جازاسىنى ئاڭلىشىمىزدا شەك يوق. چۈنكى غەرب دۇنياسى ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ ھەيۋىسىنى دەسلەپ كۆزگە ئىلمىغان بولسىمۇ، ئارقا - ئارقىلاپ ئىقتىسادىي بۇھرانلارغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، مەجبۇرىي ھالدا مۇسۇلمانلارنىڭ تەلەبلىرىنى ئورۇنداشقا ئۆتتى. مەلۇمكى، ياۋروپا ئەللىرى ئىقتىسادتتىن باشقىسىنى مۇقەددەس بىلمەيدۇ. ئۇلار ئىقتىساد ۋە بۇدۇنيالىق مەنپەئەتلەر ئۈچۈنلا ياشايدۇ. بەخت - سائادىتىنى پۇل - مالدىنلا تېپىشقا تىرىشىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي بۇھرانغا ئۇچرىغانلىقى ئۇلارغا قىيامەتنى ئەسلەتمەكتە. ھەتتا دانىيەنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى باش ئەلچىسى »دۆلىتىمىز قورقۇنچلۇق بىر ئىقتىسادىي كىرىزىسنى باشتىن كەچۈرمەكتە. بىز دانىيەدىكى مۇسۇلمانلارنىڭلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمان قەۋملەرنىڭ ھۆرمىتىنى ساقلاشنى ئۈگەنگەن بولدۇق«دېيىشكە مەجبۇر بولدى. بۇ دانىيە مەھسۇلاتلىرىنى ئىسلام دۆلەتلىرىدىكى بازارلاردىن چەكلىگەنلىكنىڭ نەتىجىسى ئېدى. بۇ ئىش بارچە ئىسلام دۈشمەنلىرى ئۈچۈن ئۇنتۇلماس ئاچچىق ساۋاق بولدى. ئۇلار مۇسۇلمانلارنىڭ قەدىر قىممىتىنىڭ يۈكسەك ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم تونۇۋالغان بولدى.





بۇ تۇنجى جىنايەت ئەمەس. مۇندىن بۇرۇنمۇ ئامېرىكىنىڭ رادىكال خرىستىئان چىركاۋلىرى پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى خەلقنىڭ كۆزىگە گوياكى بىر تېرورىست كەبى كۆرسىتىپ كەلگەنىدى. مەلۇمكى خرىستىئان چىركاۋلىرىنىڭ بۇنداق ئېغىر جىنايەتنى ئىشلەشكە جۈرئەت قىلىشى ئامېرىكا سىياسىتىنىڭ ھېمايىسى ۋە قوللىشى ئارقىسىدا ئەمەلگە ئاشماقتا. ئۇلارنىڭ بۇنداق جىنايەتنى ئىشلىشىگە تۈرتكە بولغان نەرسە مۇسۇلمانلارغا قارشى دىنى ئاداۋەتلا ئەمەس، بەلكى سىياسى غەرەزدۇر. بۇنىڭغا مىسال ناھايىتى كۆپ. بۇنى سۆزلەپ ئولتۇرۇشقا ۋاقىت چەكلىمىسى يول قويمايدۇ. قىسقىسى، دۇنيانىڭ ھەر تەرەپلىرىدە خرىستىئان دىنىنى تەشۋىق قىلىدىغان دەۋەتچىلەر بىلەن بارلىق چىركاۋلار ئامېرىكىنىڭ سىياسىتىگە بىۋاسىتە خىزمەت قىلماقتا. چۈنكى ئۇلارنى ماددىي جەھەتتىن قوللاپ تۇرغان دۆلەت ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىدۇر.





ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇندىن 14 ئەسىر بۇرۇنلا ھەر زامان يەھۇدىيلىرى بىلەن خرىستىئانلىرىنىڭ ئىسلام دىنىغا تۇتىدىغان دۈشمەنلىك مەۋقىئەسىنى ئېلان قىلغانىدى: «يەنى، سەن يەھۇدىيلار ۋە خرىستىئانلار نىڭ دىنىغا كىرمىگىچە ئۇلار سەندىن ھەرگىزمۇ رازى بولمايدۇ».





ئۇلارنىڭ پۈتۈن پەيغەمبەرلەرگە ھۆرمەت قىلىشنى ۋە جىمى پەيغەمبەرلەرگە ئىمان ئېيتمىغىچە مۇسۇلمان بولغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئۈگەتكەن، ئىنسانىيەت ئۈچۈن رەھمەت بولۇپ ئەۋەتىلگەن بۇ مەسۇم پەيغەمبەرگە دۈشمەنلىك كۆرسىتىشى ھەقىقەتەن كەچۈرۈلمەس جىنايەت ۋە چوڭ قاباھەتتۇر. قۇرئان كەرىمنىڭ « ِئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىنىڭ ھېچبىرىنى(ئۇلارنىڭ بەزىسىگە ئىمان ئېيتىپ، بەزىسىگە ئىمان ئېيتماي) ئايرىۋەتمەيمىز»دېگەن ئۇلۇغۋار پرىنسىپىنى ئىنسانىيەتكە يەتكۈزگەن ۋە شۇنداق قىلىشنى ئۈگەتكەن زات مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئەمەسمۇ؟!





يەنە كېلىپ، يەھۇدىيلار ئىسا ئەلەيھىسسالامنى ئەڭ ۋەھشى سۈپەتلەر بىلەن ئېيىبلاپ ئىنكار قىلغان بولسا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىنسانىيەتكە قۇرئان كەرىمنىڭ: «يەنى، ئۆزۋاقتىدا پەرىشتىلەر ئېيتتى: ئى مەريەم! ئاللاھ ساڭا (ئاتىنىڭ ۋاسىتىسىسىز) ئاللاھنىڭ بىر كەلىمىسى (دىن تۆرەلگەن بىر بوۋاق) بىلەن خۇش خەۋەر بېرىدۇكى،ئۇنىڭ ئىسمى مەسىھ مەريەم ئوغلى ئىسادۇر، ئۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئابرويلۇق ۋە ئاللاھقا يېقىنلاردىن بولىدۇ» دېگەن ئايىتىنى يەتكۈزدى. ۋە ئىسا ئەلەيھىسسالامنى «مەريەم ئوغلى ئىسا ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىدىن بىر پەيغەمبەردۇر»دېگەن قۇرئان خەۋىرىنى تەبلىغ قىلدى.





يەھۇدىيلار ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسى ھەزرىتى مەريەمنى پاھىشە بىلەن ئېيبلىغان بولسا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام كىشىلەرگە قۇرئان كەرىمنىڭ «يەنى، ھەمدە ئىمراننىڭ قىزى مەريەمنى مىسال قىلىپ كۆرسەتتى، ئۇ نۇمۇسىنى ساقلىدى، ئۇنىڭغا بىزنىڭ تەرىپىمىزدىن بولغان روھنى پۈۋلىدۇق (دەم ئۇنىڭ ئىچىگە كىرىپ، ئىساغا ھامىلدار بولدى)، ئۇ پەرۋەردىگارىنىڭ سۆزلىرىنى ۋە (نازىل قىلغان) كىتابلىرىنى تەستىق قىلدى ۋە اللەغا ئىتائەت قىلغۇچىلاردىن بولدى»دېگەن ئايىتىنى يەتكۈزگەن زاتتۇر.





قۇرئان كەرىمنىڭ« كىمكى بىراۋنى ناھەق ئۆلتۈرىدىكەن، ئۇ پۈتۈن ئىنسانلارنى ئۆلتۈرگەنگە ئوخشاشتۇر»دېگەن ئايىتىنى ۋە «ئۇرۇشتا سىلەرگە يامانلىق قىلغانلاردىن باشقىلارغا تەگمەڭلار, ياشانغانلارنى، ئاياللارنى ۋە بالىلارنى ئۆلتۈرمەڭلار، زىرائەتلەرنى نابۇت قىلماڭلار، كىشىلەرگە ھەقسىزلىق قىلماڭلار»دېگەن ئالتۇن پرىنسىپلارنى دۇنيادا ھېچقانداق قانۇن - تۈزۈم ياكى خەلقئارالىق ئەھدى مىساق بولمىغان بىر زامانلاردا يەنى مۇندىن 14 ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت بۇرۇن ئىنسانىيەتكە تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق ئادالەت، شەپقەت ۋە رەھىمدىللىقتا رېكورت ياراتقان، ھەتتا «ناھەق قان ئاققۇزۇشنىڭ گۇناھى كەبىنى يېقىتقاندىنمۇ ئېغىردۇر» دېگەن ھەدىسنى سۆزلىگەن سۈيۈملۈك پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئۇلۇغ شەنىگە ئۇنى تېرورىست كەبى تەسۋىرلەر بىلەن تىل ئۇزارتىش قايسى ئەقىل ۋە قايسى مەنتىققا توغرا كەلسۇن؟! ئەمەلىيەتتە تېرورىستلەرنىڭ كىملەر ئىكەنلىكى ھەممىگە ئېنىق ئايان بولماقتا. ئابغانىستان بىلەن ئىراقتا بىگۇناھ بالىلار، ئاياللار ۋە باشقا پۇقرالارنىڭ ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى تەرىپىدىن كۈنسېرى بىگۇناھ ئۆلتۈرۈلىۋاتقانلىقى، شۇنداقلا پەلەستىندىكى قەتلىئاملار دۇنيادا يالغاندىن دېمۇكراتىيە دەۋاسى قىلىۋاتقان ئامېرىكا تېرورىزىمنىڭ مەھسۇلى ئەمەسمۇ؟!





ئىسلام ئارمىيىسىنىڭ قايسىبىر زامان ۋە قايسىبىر يەردە ئۆزلىرىگە ئۇرۇش ئاچقانلاردىن باشقىلارغا قارشى ئۇرۇش ئاچقانلىقى، قايسىبىر زامان تېرورلۇق قىلغانلىقى ۋە قاچان كىشىلەرنى قەتلىئام قىلغانلىقى مەلۇممۇ؟ بۇنى كىم ئېيتىپ بېرەلەيدۇ؟ ھېچكىم ئېيتىپ بېرەلمەيدۇ. ئەمما ئەھلى سەلەپ ئارمىيىسىنىڭ شەرققە قىلغان 8 -قېتىملىق چوڭ يۈرۈشىنى، ئامېرىكىلىقلارنىڭ مۇندىن يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى تۇنجى قېتىم ياپۇنلۇق پۇقرالارنىڭ ئۈستىگە ئاتوم تەجرىبىسى ئېلىپ بارغانلىقىنى ۋە ھازىرقى تېرورلىقىنى ھەر كىم ياخشى بىلىدۇ.





مۇسۇلمانلار تەرەققىياتتا ئارقىدا قالغان بولسىمۇ، پەزىلەت، ئادالەت، گۈزەل ئەخلاق ۋە رەھىم - شەپقەتتە، شۇنداقلا پۈتۈن ئىنسانىيەتنى - ئۇلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنىڭ قانداق بولىشىدىن قەتئىينەزەر - سۈيۈشتە، ئۇلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىغان ۋە ئۆرپ - ئادەتلىرىگە ھۆرمەت قىلىشتا ھەر قانداق دىن ۋە ھەر قانداق زامانىۋى قانۇنلاردىن ئىلگىرلەپ كەتكەن. مۇسۇلمانلار مۇسا، ئىسا ۋە ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن باشقا پەيغەمبەرلەرگە ئىمان كەلتۈرۈشنى ئىماننىڭ شەرتلىرىدىن سانايدۇ. «يەنى، ئېيتىڭلاركى، ئاللاھقا ئىمان ئېيتتۇق، بىزگە نازىل قىلىنغان ۋەھىگە، ئىبراھىمغا، ئىسمائىلغا، ئىسھاققا، يەئقۇبغا ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىغا نازىل قىلىنغان ۋەھىگە، مۇساغا بېرىلگەن (تەۋراتقا)، ئىساغا بېرىلگەن (ئىنجىلغا) ۋە پەيغەمبەرلەرگە پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن بېرىلگەن (كىتابلارغا)ئىمان ئېيتتۇق، ئۇلاردىن ھېچبىرىنى ئۇلارنىڭ بەزىسىگە ئىمان ئېيتىپ بەزىسىنى ئىنكار قىلىپ ئايرىۋەتمەيمىز، بىز ئاللاھقا بويسۇنغۇچىلارمىز »[بەقەرە سۈرىسى 136- ئايەت]. مانا بۇ، بىز بىلەن ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەرنىڭ بىرى.





ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن كەلگەن ساماۋىي دىنلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەقىدە پرىنسىپىدا، پەيغەمبەرلەردىن بېرەرسىنى ئىنكار قىلغان ئادەم ئۆز دىنىغا ئاسىيلىق قىلغان ۋە كاپىر بولغان بولىدۇ. شۇڭا قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىدە: «يەنى، نۇھنىڭ قوۋمى پەيغەمبەرلەرگە ئىنكار قىلدى» ۋە «يەنى، سەمۇد قەۋمى پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدى» دېگەنگە ئوخشىغان ئايەتلەر كۆپ تەكرارلانغان. ئەمەلىيەتتە نۇھ قەۋمى بىلەن سەمۇد قەۋمى ئۆز پەيغەمبەرلىرىنلا ئىنكار قىلغان بولسىمۇ، ئاللاھ تائالانىڭ نەزەرىدە بۇ پۈتۈن پەيغەمبەرلەرگە ئىنكار قىلغانلىق سانالغانلىقتىن، قۇرئان كەرىم شۇنداق خەۋەر بەرگەن. مۇسۇلمانلار قۇرئان كەرىمنىڭ بۇ پرىنسىپى بويىچە ئىش كۆرۈپ كەلمەكتە. دۇنيادا پەيغەمبەرلەردىن بېرەرسىنى ئىنكار قىلىدىغان بىرمۇ مۇسۇلمان تېپىلمايدۇ. ئەمما يەھۇدىيلار بىلەن خرىستىئانلار ئۆزلىرىنىڭ مۇقەددەس كىتابلىرى تەۋرات بىلەن ئىنجىلدا بېشارەت بېرىلگەن ۋە ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىش كېرەكلىكى تەۋسىيە قىلىنغان ئاخىر زامان پەيغەمبىرى ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىنكار قىلىش بىلەن ئۆز دىنلىرىغا ئاسىيلىق قىلماقتا ۋە ئاللاھنىڭ دىنىدىن چىقماقتا.





خرىستىئانلار بىلەن يەھۇدىيلارنىڭ ئىسلام دىنىغا ۋە بۇ دىننىڭ پەيغەمبىرى ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا دۈشمەنلىك قىلىشتا ئەمالارچە ئىش كۆرۈپ كېلىۋاتقانلىقى ناھايىتى ئېنىقتۇر. بۇنىڭغا مىساللارمۇ كۆپ.





غەربلىك يازغۇچى ئارمىسترۇڭ«مۇھەممەد»ناملىق ئەسىرىنىڭ 67- بېتىدە مۇنداق دەيدۇ:" بىز ئىسلام دىنى ۋە مۇسۇلمانلارغا دۈشمەن بولۇشتا ھەر زامان يېڭى - يېڭى ئۇسۇللارنى قوللاندۇق. ئىسلام دىنىغا قارشى چىقىش بىزنىڭ ئەقىدىمىزنىڭ بىر پارچىسى بولۇپ قەلبىمىزگە ئورناشتى. بىز ھەر زامان ئىسلام دىنىغا ئوخشاش بولمىغان قالپاقلارنى كىگۈزۈپ كەلدۇق. سالمان رۇشدىنىڭ «شەيتان قىسسىسى»ناملىق ئەسىرى چىققاندىن كېيىن، ئىسلام دىنىنى قان تۆكىدىغان، ھۆررىيەتنى بوغۇپ تاشلايدىغان بىر دىن دەپ تەسۋىرلەشنى ئۈگىنىۋالدۇق. ئەمما راستىنى ئېيتقاندا ئەمەلىي رىئاللىق بۇ تۆھمەتلەرنى بۇ دىنغا ئارتىشىمىزنى رەت قىلىدۇ".





پول فىندىلىي «بۈگۈندىن كېيىن سۇكۇت قىلىش يوق»ناملىق ئەسىرىنىڭ 12-بېتىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ:"ئىسلام دىنىنى بورمىلاپ كۆرسىتىش خاھىشى باشقا پۈتۈن ئەللەرگە نىسبەتەن ئامېرىكا جەمئىيىتىدە ئەڭ كۆپ ئومۇملاشقان بولۇپ، بۇ ئاساسەن بۇ دىننىڭ ھەقىقىتىنى بىلمەسلىكتىن كېلىپ چىقماقتا. بۇخاھىشنىڭ تۈرتكۈسى شۈبھىسىزكى، ئىسلام دىنىغا بولغان ئەمالارچە ئۆچمەنلىكتۇر". ئۇ يەنە مەزكۇر ئەسەرنىڭ 38- بېتىدە مۇنداق دەيدۇ:" ئوقۇتقۇچىمىز بىزگە ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىمىزدا: سەھرادىكى مۇقەددەس جايلاردا زوراۋانلىقنى ياقتۇرىدىغان قالاق بىر مىللەت ياشىماقتا. ئۇلار ئاجايىپ بىر ئىلاھقا چوقۇنىدۇ .دەيتتى ۋە ئۇلارنى »مۇھەممەدچىلەر« دەپ ئاتايتتى. ئوقۇتقۇچىمىز : ئۇلار بىزگە ئوخشىمايدۇ .دېگەن سۆزنى ناھايىتى كۆپ تەكرارلايتتى ۋە مېڭىمىزگە شۇنداق ئورناشتۇرۇشقا تىرىشاتتى".





كۆرىۋاتىمىزكى، ئىسلام دۈشمەنلىرىنىڭ بۇ خاھىشى ئۇلاردىكى ئەمالارچە رادىكاللىق بولۇپ، بۇ دىننىڭ ھەقىقىتىدىن ھېچنەرسىنى سۈرۈشتە قىلماستىن ياكى تەتقىق قىلماستىنلا قارىلاشنى ئەجدادلىرىدىن ئۇدۇم ئالغان.





ئۆزىنى «مۇسۇلمانمەن» دەپ يۈرگەن ھەرقانداق ئىنساننىڭ بۇ ھاقارەتكە رەددىيە بېرىشى ۋە سۈيۈملۈك پەيغەمبىرىمىزنى مۇداپىئە قىلىشى پەرزدۇر. بۇ ئىماننىڭ تەقەززاسىدۇر. ئىسلام ئەللىرىنىڭ ھەممە بىردەك قوزغالماستىن، بەزىلىرىنىڭ سۇكۇت ئىچىدە تۇرىۋاتقىنىغا ھەيران قېلىۋاتىمەن. بىراۋ سىزنىڭ ئانىڭىزنى ياكى ئاچا - سىڭىللىرىڭىزدىن بېرەرسىنى ھاقارەت قىلسا ياكى نومۇسىغا تەگسە جىم تۇرالامسىز؟ بۇنىڭغا جىم تۇرمىغان يەردە، پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇلۇغ ماقامىغا نومۇسسىزلارچە تىل ئۇزارتقان ئەدەبسىزلەرگە قارشى جىم تۇرامسىز؟ بۇنداق ھاقارەتكە جىم تۇرسىڭىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئىخلاسىڭىز بىلەن سۆيگىڭىز بارلىقىنى قانداق چۈشەندۈرەلەيسىز؟پەيغەمبىرىڭىزنىڭ كەمسىتىلىشى سىزنىڭ ئىتىقادىڭىزغا ھاقارەت قىلىنغانلىقتۇر،ئىتىقاتىڭىزغا ھاقارەت قىلىنغانلىق سىزنىڭ دىنىڭىزنى ئىتىبارغا ئالمىغانلىقىدۇر، سىزنىڭ دىنىڭىزنى ئىتىبارغا ئالمىغانلىقى سىزنىڭ ئىنسانى قىممىتىڭىزنى يەرگە ئۇرغانلىقىدۇر،سىزنىڭ ئىنسانىي قىممىتىڭىزنى يەرگە ئۇرغانلىقى مىللەت بولۇش سۇپۇتىڭىزگە قەتئىي ئىھتىرام قىلمىغانلىقىدۇر، ئەگەر سىز ئىمانىڭىز ۋە ئىنسانىيىلىكىڭىز بىلەن بىشىمنى ئۇستۇن كۆتۇرۇپ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئەركىن نەپەس ئىلىپ ياشاي دىسىڭىز، دىنىڭىزنى سويۇڭ ۋە ئۇنىڭ بارلىق تەقەززالىرىغا قىزغىن مۇئامىلىدە بولۇڭ، شۇندىلا سىزگە ئاللاھنىڭ ياردىمى بولغۇسى.





دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا مۇسۇلمانلار نارازىلىق نامايىشلىرىنى ئېلىپ باردى. بۇنىڭ بىلەن بىر قاتاردا ئىسلام ئەخلاقىغا يات كېلىدىغان زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىمۇ يۈز بېرىپ بەزى قېنى قىزىق مۇسۇلمان قېرىنداشلار دانىيەنىڭ ئىسلام مەملىكەتلىرىدىكى ئەلچىخانىلىرىنىڭ بەزىسىنى كۆيدۈرۇپ ۋە پارتلىتىشگە ئوخشىغان ئىشلارنى سادىر قىلغان بولدى. ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئىسلام ئۆلۈمالىرى بۇنداق زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئىسلام پرىنسىغا توغرا كەلمەيدىغانلىقىنى ئارقا - ئارقىدىن ئېلان قىلىش ئارقىلىق مۇسۇلمانلارنى مەسىلىگە سوغۇق قانلىق ۋە ھېكمەت بىلەن مۇئامىلە قىلىشنى تەلەب قىلدى. چۈنكى ئىسلام دىنىنىڭ ئەخلاق پرىنسىپى يامانلىققا يامانلىق بىلەن جاۋاب بېرىشنى مەنئى قىلىدۇ. ئەلۋەتتە، مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بۇ ئەدەپسىزلىككە نارازىلىق بىلدۈرۈرپ، پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇلۇغ ماقامىنى مۇداپىئە قىلغانلىقىنى تەقدىرلەشكە تېگىشلىك. مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ نارازىلىقى ئۇلارنىڭ ئىمانى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بولغان ھۆرمىتى، ئىخلاسى ۋە سۆيگىسىنىڭ بىر ئىپادىسىدۇر. ئىسلام مەملىكەتلىرىدىكى دانىيە ۋە نورۋىگىيەنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى بازاردىن مەنئى قىلىش ھەرىكىتى نارازىلىقنىڭ ئەڭ يوللۇق ئىپادىسىنىڭ بىر تۈرىدۇر. لېكىن بىنالارغا ئوت قويۇشتەك زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنى ئىسلام دىنى ھېچقانداق بىر شارائىتتا يوللۇق، دەپ قارىمايدۇ. چۈنكى بىزنىڭ دىنىمىز يۈكسەك بىر ئەخلاققا ئېگە بىر ئۇلۇغ ۋە ھەققانىي دىن. ئۇ ھەر ئىشنى ھېكمەتلىك ھالدا ۋە ئىلمىي يوسۇندا بىر تەرەپ قىلىشقا چاقىرىدۇ. «ئەھلى كىتاب بىلەن پەقەت ئەڭ چىرايلىق رەۋىشتە مۇنازىرىلىشىڭلار»[ئەنكەبۇت سۈرىسى 46- ئايەت].يەنە بىر ئايەتتە: «پەرۋەردىگارىڭنىڭ يولىغا (يەنى ئىسلام دىنىغا) ھېكمەتلىك ئۇسلۇبتا ياخشى ۋەز - نەسىھەت بىلەن دەۋەت قىلغىن، مۇخالىپەتچىلىك قىلغۇچىلار بىلەن چىرايلىق رەۋىشتە مۇنازىرىلەشكىن». [نەھل سۈرىسى 125- ئايەت].





ھېكمەت - توغرا سۆز ۋە توغرا ئىش قىلىش دېمەكتۇر. مۇسۇلماننىڭ ئىشىنىڭ توغرا ياكى خاتالىقى ئىسلام شەرىئەت مىزانى بىلەن ئۆلچۈلىدۇ. ھېكمەتلىك ئىش كۆرۈش ئاقىللارنىڭ ۋە مەدەنىيەتلىك كىشىلەرنىڭ ئىشىدۇر. بۇ دەل ئىسلام ئۇممىتىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىسىدە:«ھېكمەت مۇسۇلماننىڭ يۈتتۈرۈپ قويغان نەرسىسىدۇر، ئۇنى نەدىن تېپىۋالسا ئۇنىڭغا ھەقلىقتۇر» دەپ كۆرسەتكەن. مۇسۇلماننىڭ دىنى ئۇنى يامانلىققا يامانلىق بىلەن ئەمەس، بەلكى ھېكمەتلىك ئۇسلۇبتا جاۋاب بېرىشكە بۇيرۇيدۇ. چۈنكى ئوتنى ئوت بىلەن ئۆچۈرگىلى بولمايدۇ.





ئىسلام دۈشمەنلىرىنىڭ پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇلۇغ شەنىگە داغ تەككۈزۈشكە ئورۇنغان بۇ ئېغىر جىنايىتىگە جاۋاب بېرىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئىككى ئۇسۇلى مۇنۇلاردۇر:





1- دانىيە ۋە نورۋىگىيە مەھسۇلاتلىرىنى بازارلاردىن قەتئىي مەنئى قىلىشقا داۋام قىلىش. ئىسلام مەملىكەتلىرى مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ ئىككى دۆلەت مەھسۇلاتلىرىنى سېتىپ ئېلىش بەدىلىگە مۇسۇلمانلار ئىشلەپ چىقارغان مەھسۇلاتلارنى ئېلىشى ئۈچۈن، دانىيە ۋە نورۋىگىيە مەھسۇلاتلىرىنىڭ پۈتۈن تۈرلىرىنى ئېلان قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىسلام ئەللىرىدە ئىشلەنگەن ئەڭ ياخشى بەدەللىرىنى رادىئو، تىلىۋىزور، گېزىت، ژۇرنال ۋە ئېنتېرنېت تورلىرىدا كەڭ تونۇشتۇردى. بۇنىڭ بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ مەھسۇلاتلىرى ياۋروپالىقلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئورنىنى دەسسەشكە باشلىدى. بۇ مۇسۇلمانلارنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتە يۈكسىلىشى ئۈچۈن ناھايىتى ياخشى بىر پۇرسەت بولدى. بىر تىيىن پۇلنىمۇ ئىسلام دۈشمەنلىرىگە ئۆتكۈزمەستىن، مۇسۇلمانلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن خەرج قىلىش ئەلۋەتتە ساۋابلىق ئىشتۇر. مانابۇ، ئاللاھ تائالانىڭ:« ياخشى ئىشقا ۋە تەقۋادارلىققا ياردەملىشىڭلار، گۇناھقا ۋە زۇلۇمغا ياردەملەشمەڭلار، ئاللاھ(نىڭ ئازابى) دىن قورقۇڭلار، ئاللاھنىڭ ئازابى ھەقىقەتەن قاتتىقتۇر»دېگەن ئەمرىنىڭ تەقەززاسىدۇر.





2- ئىسلام مەملىكەتلىرىدىن باشلاپ ياۋروپا، ئامېرىكا ۋە باشقا مۇسۇلمان ئەمەس ئەللەردە پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەق پەيغەمبەرلىكى، ئالىي پەزىلى، گۈزەل ئەخلاقى، رەھىم - شەپقىتى ۋە بارلىق ئۇلۇغۋار ئىش - ئىزلىرىنى كەڭ تونۇشتۇرۇش پەرزدۇر. پەيغەمبىرىمىزنى باشقىلارنىڭ خاتا تونۇپ قالغانلىقىدىن بىز مۇسۇلمانلار جاۋابكارمىز. بىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى تونۇشتۇرۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەخلاقى بويىچە ئۆمۈر سۈرەلمىدۇق. بىز ئۆزىمىزنىڭ نادانلىقى ۋە نامىمىز مۇسۇلمان بولسىمۇ، ئىسلام روھىدىن ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ياشاش ئۇسۇلىدىن خېلى بەك يېراقتا ياشاۋاتقانلىقىمىز ئۈچۈن، ئىسلام دىنىنىڭ ئەڭ توغرا ۋە ئەڭ ئېسىل بىر دىن ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ ئېغىزىمىزدىن سۇ ئېقىپ كەتكەن بولسىمۇ، سۆزلىگىنىمىز بويىچە ياشاشنى ئۈگىنەلمىدۇق. كىشىلەرنى ياخشى ئىشقا چاقىرىش ۋە يامان ئىشلاردىن توسۇش ھەر بىر مۇسۇلمان ئۈچۈن پەرز كۇپايە بولۇپ، بۇ پەرز سۆز ۋە ئەمەل ھەر ئىككىسى بىلەن كۆرسىتىش ئارقىلىقلا ئورۇندىلىدۇ. دىنىمىزنىڭ ئېسىللىكلىرىنى تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى بىلەنلا چۈشەندۈرگەندىن كۆرە، ئەمەلىيىتىمىز بىلەن كۆرسىتىش ئەڭ ئۈنۈملۈك دەۋەت ئۇسۇلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەنە شۇنداق قىلغان ئېدى. شۇڭا ئۇ، بۇھەق دىننىڭ ئېسىللىكىنى تونۇتۇش ۋە كىشىلەرنى ئۇنىڭغا يېتەكلەش ۋەزىپىسىنى تولىقى بىلەن ئادا قىلىپ كەتكەنلىكتىن بۇ دىن 14 ئەسىردىن بېرى كىشىلەرنىڭ قەلبىدە چاقناپ كەلمەكتە.





ھۆرمەتلىك قىرىندىشىم! يۇقىرىدىكى يۇرەك سۆزۈمنى ئوقۇپ چىققىنىڭىزدىن كېيىن نېمە تەسىراتقا كەلدىڭىز؟! ئۆزىڭىزنىڭ ئۈلۈغ پەيغەمبەرىمىزگە قانچىلىك سۆيگۈڭىزنىڭ بارلىقىنى بىلەلىدىڭىزمۇ؟ئەمدى يەنە نېمە قاراپ تۇرۇسىز؟!! ئاللاھنىڭ دىنىغا قايتىپ رەسۇللاھنىڭ يولىنى ھاياتىڭىزدا ئۆرنەك قىلىش ئارقىلىق، ئاللاھنىڭ دىنى، پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئۈلۈغ مەقامىنى قوغداشتا ئىمانىي بۇرچىڭىزنى ئادا قىلىشقا تىرىشىڭ. سىزنىڭ دىنى مەجبۇرىيتىڭىزنى ئادا قىلىشىڭىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرىنى كىشىلىك تۇرمۇش، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەردە ئۆزىڭىزگە ئابىدە قىلىپ ياشىشىڭىزنىڭ ئۆزى ئاللاھنىڭ دىنى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈلۈغ ماقامىنى لەنەتگەردى ئىنسانلار ئارىسىدا تىكلىگەنلىكىڭىز بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.





 



Recent Posts

رامىزاندىكى پەزىلەتلى ...

رامىزاندىكى پەزىلەتلىك ۋاقىتلار

ئاياللار، بىمارلار، م ...

ئاياللار، بىمارلار، مۇساپىر قاتارلىقلارغا ئائىت روزا ھەققىدىكى مۇھىم مەسىلىلەر

پەرزەنتلەرنى غايىلىك ...

پەرزەنتلەرنى غايىلىك قىلىپ تەربىيەلەش، ئاتا-ئانىغا باغلىق