Articles

ئاتا-ئانىنى قاقشىتىش نېمىدېگەن خەتەرلىك ھە





ئۇيغۇرچە-الأويغورية]-uyghur]





پەزىلەتلىك شەيخ سەلاھ ئىبنى مۇھەممەد ئەلبۇدەير





تەرجىمە قىلغۇچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز





تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى





نەشىر ھوقۇقى مۇسۇلمانلارغا مەنسۇپ





2010 - 1431





﴿عقوق الوالدين﴾





«باللغة الأويغورية»





فضيلة الشيخ صلاح بن محمد البدير





ترجمة: سيف الدين أبو عبد العزيز





مراجعة: ن. تمكيني





حقوق الطبع والنشر لكل مسلم





2010 - 1431





ئاتا-ئانىنى قاقشىتىش نېمىدېگەن خەتەرلىك ھە





2010-يىلى 05-ئاينىڭ 28-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى





مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئاللاھنى مەدھىيىلەپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت-سالام يوللىغاندىن كىيىن، جۈمە نامىزى ئۈچۈن توپلاشقان يۈز مىڭلىغان جامائەتكە "ئاتا-ئانىسىنى رازى قىلغان ئىنسان دۇنيا-ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشىدۇ" دېگەن ماۋزۇدا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:





ئىنسان ئاتا-ئانىسى ھايات ۋاقتىدا ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى قىلىش، كۆيۈنۈش، مېھرىبانلىق قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ نەسىھەتلىرىگە قۇلاق سېلىش،كۆرسەتمىلىرىگە بويسۇنۇش ئارقىلىق ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق ۋە ئېھسان قىلىشنىڭ ساۋابىنى ھاسىل قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ دۇئاسىنىڭ بەرىكىتىگە ئېرىشىدۇ ۋە دۇنيا-ئاخىرەتلىك بەخت-سائادەتكە مۇيەسسەر بولىدۇ.





ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىر ئادەم پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: «مەن ئاللاھدىن ساۋاپ ئۈمىد قىلىپ، ھىجرەت قىلىش ۋە جىھاد قىلىش ئۈچۈن سىلىگە بەيئەت قىلغىلى كەلدىم دېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىدىن: ئاتا-ئانىڭىزدىن بىرەرسى ھاياتمۇ؟ دەپ سورايدۇ. ئۇ كىشى: ئىككىلىسى ھايات دەپ جاۋاپ بېرىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: سىز ئاللاھدىن ساۋاپ تەلەپ قىلامسىز؟دەپ سورايدۇ، ئۇ كىشى: ھەئە دېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە: سىز ئاتا-ئانىڭىزنىڭ يېنىغا قايتىپ بېرىپ ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى ياخشى قىلىڭ دەيدۇ». [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].





قىز-ئوغۇللارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىنى قاقشىتىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان مۇسىبەت، بالا-قازالار ناھايىتى كۆپ بولۇپ، بۇنى سۆزلەپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. بۇنىڭ بىلەن پەيدا بولغان قەلب جاراھەتلىرى ساقايمايدۇ. بۇ ئىسلامدا چەكلەنگەن ئېغىر جىنايەت بولۇپ، دۇنيا-ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ غەزىپى ۋە قاتتىق ئازابىغا ئۇچرايدۇ.





ئەبى بەكرەتە رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ساھابىلارغا: «سىلەرگە چوڭ گۇناھلارنى ئېيتىپ بېرەيمۇ؟دېگەندە، ئۇلار: ئېيتىپ بەرسىلە يا رەسۇلۇللاھ دەيدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئاللاھغا شېرىك كەلتۈرۈش، ئاتا-ئانىنى قاقشىتىش دېگەندىن كىيىن قايتىدىن رۇسلىنىپ ئولتۇرۇپ، يالغان سۆزلەش ۋە يالغاندىن گۇۋاھلىق بېرىش دېگەن سۆزنى قايتا-قايتا تەكرارلىدى. بىز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كاشكى توختاپ قالغان بولسىچۇ دەپ ئۈمىد قىلىپ كەتتۇق». [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].





ئەبى ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاتا-ئانىسى ياشانغان ۋاقىتتا خىزمىتىنى ياخشى قىلماي جەننەتكە كېرىشتىن مەھرۇم بولغانلارنىڭ ھالىغا ۋاي دېگەن سۆزنى بىرقانچە قېتىم تەكرارلىدى». [مۇسلىم رىۋايىتى].





ئاتا-ئانىسىنى قاقشاتقۇچىنىڭ پەسكەشلىكى، دۆتلۈكى، ھاماقەتلىكى شۇكى، ئۇ ئاتا-ئانىسى ياشىنىپ، ئاجىزلىشىپ قالغاندا ئۇلارغا تۇز كورلۇق قىلىپ، ئۇلارنىڭ رەھىم-شەپقىتىنى ئۇنتۇپ، ياردەمسىز تاشلاپ قويۇپ، ۋاپاغا جاپا قىلىپ، ساپ قەلبىگە ئازار يەتكۈزۈپ، ئىقتىسادتىن قىسىپ ئۇلارنى خارلايدۇ. ئاتا-ئانىغا بويسۇنۇش ۋە ئۇلارنىڭ ھەققىنى زايە قىلىۋەتمەسلىكنىڭ مۇھىملىقىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ. ئائىلىسى ۋە بالا-چاقىلىرىنى ھەتتا ئابرۇيلۇق پۇلدار دوست-بۇرادەرلىرىنى ئاتا-ئانىسىدىن ئۈستۈن بىلىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ، ئاللاھنىڭ مەرھەمىتى ئاندىن ئاتا-ئانىنىڭ كۆيۈمچانلىقى بىلەن ئەقىل تېپىپ، يۈز-ئابرۇيغا ئېرىشىپ مۇشۇ ھالەتكە كەلگىنىنى ئويلىمايدۇ. ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆزىدىن ياخشىلىق، مېھرىبانلىق، كۆيۈمچانلىق ۋە ھېسداشلىق كۈتۈۋاتقانلىقىنى ھېس قىلمايدۇ.





ئاتا-ئانىسىنى قاقشاتقۇچىلار قىلغان ئىشلىرى ئۈچۈن چوقۇم پۇشايمان قىلىدۇ. ئاتا-ئانىسىنى قاقشاتقۇچىلارنى ئاللاھ تائالا بۇ دۇنيانىڭ ئۆزىدىلا ھەرخىل جازالار بىلەن جازالاپ، ئۆزلىرىنىڭ توغرا قىلمىغانلىقىنى ھېس قىلدۇرىدۇ. كاشكى ئاتا-ئانامنى قاقشاتمىغان بولسامچۇ دەيدۇ، ئەمما ئۇ ۋاقىتتا پۇشايمان پايدا بەرمىگەن بولىدۇ.





بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلارغا كامالى مېھرىبانلىقتىن ناھايىتى كەمتەر مۇئامىلىدە بولغىن ۋە ئى پەرۋەردىگارىم! ئۇلار مېنى كىچىكلىكىمدە تەربىيىلىگىنىدەك ئۇلارغا مەرھەمەت قىلغىن دېگىن.» [سۈرە ئىسرا 24-ئايەت]. يەنى ئۇلارغا مېھرىبان بولۇپ، كەمتەرلىك بىلەن خىزمىتىنى قىلىپ، ئېسىل، كۆڭلى سۇيىنىدىغان سۆزلەرنى قىلىش كېرەك.





ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئاتىنىڭ رازىلىقى بىلەن، ئاللاھنىڭ غەزىپى ئاتىنىڭ نارازىلىقى بىلەن بولىدۇ»دېگەن. [تىرمىزى رىۋايىتى].





ئاللاھ تائالا ھەممىمىزنى ئاتا-ئانىمىزغا ھۆرمەت قىلىدىغان، ئۇلارنىڭ ئۈستىمىزدىكى ھەقلىرىنى تولۇق ئادا قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ رەھمىتىگە مۇيەسسەر قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.



Recent Posts

قىلمىشنىڭ جازاسى ئۆز ...

قىلمىشنىڭ جازاسى ئۆز تۈرىدىن بولىدۇ

ۋىتىر نامىزى ۋە ئۇنىڭ ...

ۋىتىر نامىزى ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەر

رامزاننىڭ ئاخىرقى ئون ...

رامزاننىڭ ئاخىرقى ئونىنى غەنىمەت بىلەيلى!

كېمىكى ئاللاھ يۇلىدا ...

كېمىكى ئاللاھ يۇلىدا بىر نەرسىدىن ۋاز كەچسە، ئاللاھ ئۇنىڭغا تېخىمۇ