ئىسلام دىنى
ئىنساننىڭ تۇغما تەبىئىتى، ئەقىل-ئىدراكى ۋە بەخت-سائادىتىگە ئۇيغۇن دىندۇر.
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە دائىمىي مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن
سىز ئۆزىڭىزدىن سوراپ باقتىڭىزمۇ:
ئاسمان - زېمىنلەرنى ۋە ئۇنىڭدىكى كاتتا مەخلۇقاتلارنى كىم ياراتتى؟، ئۇنىڭدىكى ئىنچىكە، پۇختا نىزام-پىرىنسىپلارنى كىم ئورۇنلاشتۇردى؟.
بۇ كاتتا كائىنات يىللاردىن بىرى ئۆزىنىڭ ئىنچىكە ئېنىق بېكىتىلگەن پىرىنسىپى بويۇنچە قانداق ئورۇنلىشىدۇ ۋە تەشكىللىنىدۇ؟.
بۇ كائىناتنى كائىناتنىڭ ئۆزى پەيدا قىلدىمۇ؟ ياكى تاسادىپى پەيدا بولۇپ قالدىمۇ؟ ياكى ھېچ نەرسىگە ئىگە بولالمايدىغان بىر نەرسە پەيدا قىلدىمۇ؟.
سىزنى كىم ياراتتى؟.
سىزنىڭ جىسمىڭىزدىكى ئىنچىكە قۇرۇلمىلارنى ۋە كائىناتتا ياشاۋاتقان جانلىقلارنىڭ قۇرۇلمىسىنى كىم ئورۇنلاشتۇردى؟.
ئەقىللىق ئادەمگە بۇ ئۆينى بىرسى بىنا قىلمىسىمۇ ئۆزلىگىدىن ياسىلىپ قالغان دېسە، ياكى يوق نەرسە بۇ ئۆينى پەيدا قىلدى دېسە، بۇ سۆزنى ھەرگىز قوبۇل قىلمايدۇ. ئۇنداقتا بەزى ئىنسانلار بۇ كاتتا كائىنات ھېچ بىر ياراتقۇچىسىز پەيدا بولغان دېگەن سۆزگە قانداق ئىشىنىدۇ؟. تەرتىپلىك ئورۇنلاشتۇرۇلغان بۇ كائىنات تاسادىپى پەيدا بولۇپ قالغان دېسە ئەقىللىق كىشى بۇنى قانداق قوبۇل قىلىدۇ؟.
چوقۇم مۇشۇ بۈيۈك كائىناتنى ياراتقۇچى ۋە ئۇنىڭ ئىشلىرىنى تەدبىر قىلغۇچى بۈيۈك بىر ئىلاھ بار، ئۇ بولسىمۇ ئاللاھ تائالادۇر.
رەببىمىز ئاللاھ سۇبھانە ۋەتەئالا بىزگە پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتى، ئۇلارغا ۋەھيى ئارقىلىق ئىلاھى كىتابلارنى نازىل قىلدى، ئۇ كىتابلارنىڭ ئەڭ ئاخىرى ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىنىڭ تۈگەنچىسى بولغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان قۇرئان كەرىمدۇر. ئاللاھ تائالانىڭ كىتابلىرى ۋە پەيغەمبەرلىرى ئارقىلىق:
بىزگە ئۆزىنى، ئۆزىنىڭ سۈپەتلىرىنى ۋە ئۆزىنىڭ بىزنىڭ ئۈستىمىزدىكى ھەققىنى بىلدۇردى. شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ئۈستىدىكى بىزنىڭ ھەققىمىزنىمۇ بايان قىلدى.
بىزگە شۇنى تەلىم بەردىكى: ئۇ بولسا پۈتۈن كائىناتنى ياراتقان رەببىمىزدۇر، ئۇ ۋاپات بولمايدۇ، مەڭگۈ ھاياتتۇر، مەخلۇقاتلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھ تائالانىڭ چاڭگىلىدا، ھۆكۈمرانلىقى ۋە تەسەررۇپ قىلىشى ئاستىدىدۇر.
بىزگە شۇنى خەۋەر قىلدىكى: ئىلىم بولسا ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرىدىندۇر، كامالى ئىلمى بىلەن ھەممە نەرسىنى قورشاپ تۇرغۇچىدۇر، ئۇ زات ئاڭلىغۇچى ۋە كۆرگۈچىدۇر، ئۇنىڭغا ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىنلەردىكى ھېچ نەرسە مەخپى قالمايدۇ.
رەببىمىز ئاللاھ بولسا، دائىم ھاياتتۇر، ئۆزى يالغۇز بارلىق مەخلۇقاتلارنىڭ ھاياتى ئىشلىرىنى ئىدارە قىلغۇچىدۇر. ھەر قانداق مەخلۇقنىڭ ھاياتلىقى ئاللاھ تائالانىڭ ئىرادىسى بىلەن بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:﴿اللَّهُ لا إِلَهَ إِلَّا هُوَ الْحَيُّ الْقَيُّومُ لا تَأْخُذُهُ سِنَةٌ وَلا نَوْمٌ لَهُ مَا فِي السَّمَوَاتِ وَمَا فِي الأَرْضِ مَنْ ذَا الَّذِي يَشْفَعُ عِنْدَهُ إِلَّا بِإِذْنِهِ يَعْلَمُ مَا بَيْنَ أَيْدِيهِمْ وَمَا خَلْفَهُمْ وَلا يُحِيطُونَ بِشَيْءٍ مِنْ عِلْمِهِ إِلَّا بِمَا شَاءَ وَسِعَ كُرْسِيُّهُ السَّمَوَاتِ وَالأَرْضَ وَلا يَئُودُهُ حِفْظُهُمَا وَهُوَ الْعَلِيُّ الْعَظِيمُ﴾ تەرجىمىسى: «بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھ ھەمىشە تېرىكتۇر، ھەممىنى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ئۇ مۈگدەپ قالمايدۇ، ئۇنى ئۇيقۇ باسمايدۇ، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە نەرسە ئاللاھنىڭ(مۈلكى) دۇر، ئاللاھنىڭ رۇخسىتىسىز كىممۇ ئاللاھنىڭ ئالدىدا شاپائەت قىلالىسۇن، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى (يەنى دۇنيادا قىلغان)، كەينىدىكى (يەنى ئۇلار ئۈچۈن ئاخىرەتتە تەييارلىغان) ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئۇلار ئاللاھنىڭ مەلۇماتىدىن (ئاللاھ) ئۇلارغا بىلدۈرۈشنى خالىغان نەرسىلەردىن (يەنى پەيغەمبەرلەرنىڭ تىلى ئارقىلىق بىلدۈرگەن نەرسىلەردىن) باشقا ھېچ نەرسىنى بىلمەيدۇ، ئاللاھنىڭ كۇرسى (ئاللاھ قەدىمىنى قويىدىغان ئورۇن) ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاسمان - زېمىننى ساقلاش ئۇنىڭغا ئېغىر كەلمەيدۇ. ئۇ يۇقىرى مەرتىۋىلىكتۇر، ھەممىدىن ئۇلۇغدۇر»[سۈرە بەقەرە 255-ئايەت].
بىزگە شۇنى خەۋەر قىلدىكى: رەببىمىز ئاللاھ مۇكەممەل سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلەنگۈچىدۇر، ئاللاھ تائالا بىزنىڭ ئۇنىڭ مەخلۇقاتلارنى يارىتىشتىكى ئاجايىپ قۇدرەتلىرىنى بىلىشىمىز، ئاللاھنىڭ كاتتىلىقى، كۈچ-قۇۋۋىتى ۋە مۇكەممەل سۈپەتلىرىنى تىپىشىمىز ئۈچۈن بىزگە ئەقىل-ئىدراك، ھېس-تۇيغۇ ئاتا قىلدى، ئاللاھ تائالا بىزدە ئۆزىنىڭ مۇكەممەللىكىنى بىلدۈرىدىغان تۇغما تەبىئەتنى پەيدا قىلدى، ئاللاھ تائالا كەمچىللىك ۋە ناقىس سۈپەتلەر بىلەن ھەرگىزمۇ سۈپەتلەنمەيدۇ.
بىزگە شۇنى تەلىم بەردىكى: ئاللاھ تەئالا ئىنسانلار ياشاۋاتقان ئالەملەرنىڭ ئىچىدە بولماستىن بەلكى ئاسمانلارنىڭ ئۈستىدىدۇر، شۇنداقلا، مەخلۇقاتلارمۇ ئاللاھ بىلەن جىسىملاشمايدۇ.
بىزنى ۋە كاتتا كائىناتنى ياراتقان، ئۇنىڭدىكى ئىشلارنى تەدبىر قىلغۈچى رەببىمىز ئاللاھ تائالاغا بىزنىڭ تولۇق بويسۇنىشىمىز كېرەكلىكىنى خەۋەر قىلدى.
ياراتقۇچى زات ئۈچۈن كاتتا سۈپەتلەر بولۇپ، ئۇ زاتنى ھاجەتمەنلىك ۋە كەمچىللىك سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلەش ئەبەدى مۇمكىن بولمايدۇ. رەببىمىز ئۇنۇتمايدۇ، ئۇخلىمايدۇ، يىمەيدۇ، ئېچمەيدۇ، ئۇنىڭ ئايالى ياكى بالىسى بولىشى مۇمكىن ئەمەس. ئاللاھ تائالانىڭ كاتتىلىقى ۋە بۈيۈكلىكىگە زىت كىلىدىغان ھەر قانداق دەلىل پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىلىپ كەلگەن ۋەھيىنىڭ جۈملىسىدىن ئەمەس.
ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:﴿قُلۡ هُوَ ٱللَّهُ أَحَدٌ * تەرجىمىسى: «ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى، ئۇ، ئاللاھ بىردۇر.ٱللَّهُ ٱلصَّمَدُ * ھەممە ئاللاھقا موھتاجدۇر.لَمۡ یَلِدۡ وَلَمۡ یُولَدۡ * ئاللاھ بالا تاپقانمۇ ئەمەس، تۇغۇلغانمۇ ئەمەس.وَلَمۡ یَكُن لَّهُۥ كُفُوًا أَحَدُۢ﴾ ھېچ كىشى ئۇنىڭغا تەڭداش بولالمايدۇ»[سۈرە ئىخلاس 1-4-ئايەت].
ئەگەر سىز ھەممىنى ياراتقۇچى رەب تائالاغا ئىشىنىدىكەنسىز، ئۇنىڭ سىزنى نېمە ئۈچۈن ياراتقانلىقى توغرىسىدا ئۆزىڭىزدىن سوئال قىلىپ باقتىڭىزمۇ؟. ئاللاھ تائالا بىزدىن نېمىنى خالايدۇ؟. بىزنىڭ مەۋجۇتلىقىمىزدىن بولغان مەقسەت نېمە؟.
ئاللاھ تائالانىڭ بىزنى يارىتىپ بولۇپ بىكار تاشلاپ قويۇشى مۇمكىنمۇ؟. ئاللاھ تائالانىڭ مۇشۇ كاتتا كائىناتنى ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق مەخلۇقاتلارنى نىشان-غايىسىز ياراتقان بولىشى مۇمكىنمۇ؟.
ھەقىقەتەن كاتتا ياراتقۇچى رەببىمىز ئاللاھ بىزنى يارىتىشتىن بولغان غايە-نىشانىدىن خەۋەر بەردى، ئۇ بولسىمۇ: يالغۇز بىر ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىش. بىزدىن نېمىنى مەقسەت قىلىدۇ؟. ئاللاھ تائالا بىزگە يالغۇز ئۆزىنىڭ ئىبادەت قىلىنىشقا ھەقلىق ئىكەنلىكىنى خەۋەر بەردى. پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىش ئارقىلىق بىزنىڭ ئاللاھ تائالاغا قانداق ئىبادەت قىلىشىمىزنى، بۇيرىقىنى ئادا قىلىش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئۇنىڭغا قانداق يىقىنلىشىدىغانلىقىمىزنى، قانداق قىلغاندا ئۇنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىدىغانلىقىمىزنى بايان قىلىپ بەردى. شۇنداقلا بىزنى ئۆزىنىڭ ئازابىدىن ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۆلگەندىن كېيىنكى بارىدىغان ئورنىمىز توغرىسدا خەۋەر بەردى.
بىز ياشاۋاتقان مۇشۇ دۇنيانىڭ ھەقىقىتىنى بايان قىلدى، بۇ دۇنيا بولسا پەقەت ئىمتىھان-سىناق دۇنياسىدۇر. ھەقىقى مۇكەممەل ھاياتلىقنىڭ ئۆلگەندىن كېيىن ئاخىرەتتە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئاللاھنىڭ بەندىلىرىدىن كىمكى ئاللاھ بۇيرىغاننى تولۇق ئادا قىلسا، چەكلىگەندىن يىراق بولسا، ئۇ كىشى ئۈچۈن دۇنيادا گۈزەل بىر ھايات بولىدىغانلىقى ئاخىرەتتە دائىملىق نېمەتتە بولىدىغانلىقى، كىمكى ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلىپ كاپىر بولىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈچۈن دۇنيادا بەخىتسىزلىك، شەقىيلىك بولىدىغانلىقى، ئاخىرەتتە دائىملىق ئازاب بولىدىغانلىقىدىن خەۋەر بەردى.
بىز شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى: چوقۇم ھەر بىر ئىنساننىڭ مۇشۇ دۇنيادا قىلغان بارلىق ئەمەللىرى ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ئۇنىڭ جازا-مۇكاپىتى بولىدۇ. ئۇ يەردە زالىملارغا ئازاب-ئوقۇبەت، ياخشى ئىش قىلغۇچىلارغا مۇكاپات بولىدۇ.
رەببىمىز ئاللاھ بىزگە: ئۇنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىپ ئۇتۇق قازىنىش ۋە ئازابىدىن قۇتۇلۇشنىڭ پەقەت ئىسلام دىنىغا تولۇق كىرىش بىلەن بولىدىغانلىقىنى، ئۇ بولسىمۇ: ئاللاھقا بويسۇنۇش، ئاللاھ تائالانى يەككە-يىگانە دەپ، ئۇنىڭغا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەي ئىبادەت قىلىش، تائەت-ئىبادەتتە ئۇنىڭغا بويسۇنۇش، ئۇنىڭ يولغا قويغان شەرىئەت پىرىنسىپلىرىنى رازى بولۇپ قوبۇل قىلىش قاتارلىقلارنى خەۋەر بەردى. شۇنداقلا ئاللاھ تائالا ئىنسانلاردىن ئىسلامدىن باشقا ھېچ بىر دىننى قوبۇل قىلمايدىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر بېرىپ مۇنداق دېدى:(وَمَن يَبۡتَغِ غَيۡرَ ٱلۡإِسۡلَٰمِ دِينا فَلَن يُقۡبَلَ مِنۡهُ وَهُوَ فِي ٱلۡأٓخِرَةِ مِنَ ٱلۡخَٰسِرِينَ) تەرجىمىسى: «كىمكى ئىسلامدىن غەيرىي دىننى تىلەيدىكەن، ھەرگىز ئۇ (يەنى ئۇنىڭ دىنى) قوبۇل قىلىنمايدۇ، ئۇ ئاخىرەتتە زىيان تارتقۇچىدۇر».[سۈرە ئال ئىمران 85-ئايەت].
بۈگۈنكى كۈندە كۆپچىلىك ئىنسانلارنىڭ چوقۇنىۋاتقان نەرسىلىرىگە قارايدىغان بولسا، شۇنى كۆرىدۇكى، بۇ ئىنسانغا چوقۇنىدۇ، ئۇ بۇتقا-ھەيكەلگە چوقۇنىدۇ، يەنە بىرى يۇلتۇزغا چوقۇنىدۇ، ئىنسانلارنىڭ ئەھۋالى مۇشۇنداق، ئەقىللىق ئىنسان ئۈچۈن مۇكەممەل سۈپەتلەرگە ئىگە بولغان ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھنىڭ غەيرىگە ئىبادەت قىلىش لايىق بولمايدۇ. ئىنسان ئۆزىگە ئوخشاش ياكى ئۆزىدىنمۇ تۆۋەن بولغان مەخلۇققا قانداقمۇ ئىبادەت قىلىدۇ!. ئىبادەت قىلىنغۇچى ھەرگىزمۇ ئىنسان ياكى بۇت-ھەيكەل ، دەل-دەرەخ ياكى جانلىق ھايۋانلاردىن بولىشى مۇمكىن بولمايدۇ.
بۈگۈنكى كۈندە ئىنسانلارنىڭ ئىسلامنىڭ غەيرىدە ئىبادەت قىلىۋاتقان دىنلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئاللاھ تائالا قوبۇل قىلمايدۇ. چۈنكى ئۇ ئىنسانلار ئۆزى پەيدا قىلغان ياكى ئەسلىدە ئىلاھى دىن بولسىمۇ لېكىن ئۇنى ئىنسانلار ئۆزگەرتىۋەتكەن دىندۇر. ئەمما ئىسلام دىنى ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھنىڭ ئۆزگەرمەيدىغان ۋە ئالماشتۇرۇلمايدىغان توغرا دىنىدۇر. بۇ دىننىڭ كىتابى بولسا قۇرئان كەرىم بولۇپ، ئۇ ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن قانداق نازىل قىلىنغان بولسا قىيامەتكىچە شۇ بويۇنچە ساقلانغۇچى كىتاپتۇر. قۇرئان نازىل بولغاندىن تا ھازىرغىچە مۇسۇلمانلارنىڭ قولىدىكى قۇرئان كەرىم پەيغەمبەرلەرنىڭ تۈگەنچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل بولغان بويۇنچە مۇھاپىزەت قىلىندى.
ئىسلامنىڭ ئاساسلىق پىرىنسىپلىرىدىن ئاللاھ تائالا ئەۋەتكەن بارلىق پەيغەمبەرلەرگە ئىشىنىش، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىنسانلاردىن بولۇپ، ئاللاھ تائالا ئۇلارنى دەلىل-ھۆججەت ۋە مۆجىزىلەر بىلەن كۇچلاندۇردى. ئىنسانلارنى يالغۇز ئۆزىگىلا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەي ئىبادەت قىلىشقا چاقىرىش ئۈچۈن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتى.پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاخىرى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بولۇپ، ئاللاھ تائالا ئۇنى ئۆزىدىن ئىلگىرىكى بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ شەرىئىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدىغان ئىلاھى شەرىئەت بىلەن ئەۋەتتى، ئۇنى كاتتا مۆجىزە بىلەن كۈچلاندۇردى، مۆجىزىلەرنىڭ ئەڭ كاتتىسى ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھنىڭ كالامى بولغان قۇرئان كەرىمدۇر. ئۇ ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ كىتابدۇر. ئۇ كىتاب ئۆزىنىڭ مەزمۇنى، لەۋزى، قۇرۇلمىسى، ھۆكۈملىرى ۋە مەنىسى تەرەپلەردىن مۆجىزىدۇر. ئۇ كىتاب ئەرەپ تىلىدا نازىل بولغان بولۇپ، ئۇنىڭدا دۇنيا-ئاخىرەتلىك بەخت-سائادەتكە يەتكۈزىدىغان ھەقىقەتنىڭ بايانى مەۋجۇتتۇر.
بۇ يەردە قۇرئان كەرىمنىڭ ئاسمانلار-زېمىنلەرنى ياراتقۇچى ئاللاھنىڭ كالامى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ئىلمى ۋە ئەقلى دەلىل-ھۆججەتلەر كۆپتۇر. ھەقىقەتەن قۇرئان كەرىم ئىنسانلارنىڭ تۈزگەن كىتابى بولىشى مۇمكىن ئەمەستۇر.
ئىسلامنىڭ ئاساسلىق پىرىنسىپلىرىدىن ئاللاھ تائالانىڭ بارلىق پەرىشتىلىرىگە ئىشىنىش ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىشتۇر. ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنى ئىنسانلارنى قىلغان ئەمىلىگە كۆرە ھېساب ئېلىش ئۈچۈن قەبرىلىرىدىن قوزغايدۇ. ياخشى ئەمەل قىلغان مۆمىنلەر ئۈچۈن جەننەتتە دائىملىق نېمەتلەر بولىدۇ. كىمكى ئاللاھقا كاپىر بولۇپ يامان ئىش قىلغان بولسا، ئۇنىڭ ئۈچۈن دوزاختا كاتتا ئازاب بولىدۇ. ئاللاھ تائالا تەقدىر قىلغان ياخشىلىق ۋە يامانلىققا ئىشىنىش ئىسلامنىڭ ئاساسلىق پىرىنسىپلىرىدىندۇر.
ئىسلام دىنى بولسا ھاياتلىقنىڭ ھەممىنى ئۆز ئېچىگە ئالغان پىرىنسىپىدۇر، بۇ ئىنساننىڭ ئەقلى ۋە تەبىئىتىگە مۇۋاپىق كىلىدۇ. بارلىق كىشىلەر ئوخشاشلا قوبۇل قىلىدۇ. ئۇنى ھەممىنى ياراتقۇچى ئۇلۇغ ئاللاھ مەخلۇقاتلرى ئۈچۈن يولغا قويغاندۇر. بۇ بارلىق ئىنسانلار ئۈچۈن دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بەخت-سائادەت ۋە ياخشىلىق ئىلىپ كىلىدىغان دىندۇر. بۇ دىندا ئىرقى ئايرىمىچىلىق ياكى رەڭ ئايرىمىسى يوقتۇر. بۇ دىندا ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى تەڭ-باراۋەر، ئىسلامدا بىر كىشى يەنە بىر كىشىدىن ئالاھىدە پەرقلىق بولمايدۇ لېكىن ئۆزىنىڭ تەقۋادارلىقى ۋە قىلغان ياخشى ئەممەللىرىنىڭ مىقدارىدا پەزىلەتتە پەرقلىق بولىدۇ.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:(مَنۡ عَمِلَ صَٰلِحا مِّن ذَكَرٍ أَوۡ أُنثَىٰ وَهُوَ مُؤۡمِن فَلَنُحۡيِيَنَّهُۥ حَيَوٰة طَيِّبَة وَلَنَجۡزِيَنَّهُمۡ أَجۡرَهُم بِأَحۡسَنِ مَا كَانُواْ يَعۡمَلُونَ) تەرجىمىسى: «ئەر ـ ئايال مۆمىنلەردىن كىمكى ياخشى ئەمەل قىلىدىكەن، بىز ئۇنى ئەلۋەتتە (دۇنيادا قانائەتچانلىق ، ھالال رىزىق ۋە ياخشى ئەمەللەرگە مۇۋەپپەق قىلىپ) ئوبدان ياشىتىمىز، ئۇلارغا، ئەلۋەتتە، قىلغان ئەمەلىدىنمۇ ياخشىراق ساۋاب بېرىمىز».[سۈرە نەھل 97-ئايەت].
ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە شۇنى تەكىتلەيدۇكى: ئاللاھ تائالانى رەببىمىز ۋە ھەقىقى مەبۇدىمىز دەپ، ئىسلامنى دىنىمىز دەپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دەپ ئىشىنىپ ئىسلام دىنىغا كىرىش بولسا ئىنساندا ھېچ قانداق ئىختىيارلىق -تاللاش بولمايدىغان تەخىرسىز ئىشتۇر. قىيامەت كۈنىدە ھېساب ۋە جازا بولىدۇ؛ كىمكى سەمىمى ، راستچىل مۇسۇلمان بولىدىكەن ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۇتۇق ۋە كاتتا نىجاتلىق بولغاندەك، كىمكى ئاللاھقا كاپىر بولىدىكەن ئۇنىڭ ئۈچۈن ئوپ-ئوچۇق زىيان ۋە ئازاب باردۇر.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:(... وَمَن يُطِعِ ٱللَّهَ وَرَسُولَهُۥ يُدۡخِلۡهُ جَنَّٰت تَجۡرِي مِن تَحۡتِهَا ٱلۡأَنۡهَٰرُ خَٰلِدِينَ فِيهَاۚ وَذَٰلِكَ ٱلۡفَوۡزُ ٱلۡعَظِيمُ، تەرجىمىسى: «ئەنە شۇلار (يەنى ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ ئەمەل قىلىشى ئۈچۈن بەلگىلەپ بەرگەن يۇقىرىدىكى ئەھكاملار) ئاللاھنىڭ قانۇنلىرىدۇر، كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇنى ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ، ئۇ ئۇ يەرلەردە مەڭگۈ قالىدۇ. بۇ چوڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتۇر».وَمَن يَعۡصِ ٱللَّهَ وَرَسُولَهُۥ وَيَتَعَدَّ حُدُودَهُۥ يُدۡخِلۡهُ نَارًا خَٰلِدا فِيهَا وَلَهُۥ عَذَاب مُّهِين) «كىمكى ئاللاھقا ۋە پەيغەمبىرىگە ئاسىيلىق قىلىپ، ئاللاھنىڭ قانۇنلىرىنىڭ سىرتىغا چىقىپ كېتىدىكەن، ئاللاھ ئۇنى دوزاخقا كىرگۈزىدۇ، ئۇ دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ، خورلىغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدۇ».[سۈرە نىسا 174-175-ئايەتلەر].
ئىسلام دىنىغا كىرىشنى مەقسەت قىلغان كىشى: «ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوقتۇر دەپ گۇۋاھلىق بېرىمەن، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بېرىمەن» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى بىلىپ ۋە ئۇنىڭغا ئىشىنىمەن دېيىشى كېرەك، مۇشۇنداق قىلغاندا ئۇ كىشى مۇسۇلمان بولىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ئاللاھ تائالا بۇيرىغان ئەمەللەرنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ئىسلامنىڭ باشقا تەلىماتلىرىنى تەدرىجى ئۈگىنىدۇ.